سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىغا قاراپ جەسۇرانە ئىلگىرىلەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىققەت – ئېتىبارىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

    شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى. شىنجاڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى نورمال ھالەتتە ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئىلمىي تەدبىرى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، كىشىلەر قەلبىنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

    مۇشۇ ئېنىقلىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بەش يىلدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا قويۇپ تونۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن كونىنى بۇزۇپ، يېڭىنى تىكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىق ‹‹بەش چوڭ تۇتقا››نى توغرا تېپىپ چىقىپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى››نى قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەش، تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش، توغرا لىنىيە بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق ‹‹توققۇز مېخانىزم››نى ئورناتتى... يۆلەش – ئېچىشنىڭ ئىدىيەۋى تەپەككۇرى، شەكىل – ئۇسۇلى، تۈزۈلمە مېخانىزمى، كاپالەتلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە كۈچلۈك تۈرتكىلىك ۋە تىرەكلىك رول شەكىللەندۈردى.

    بەش يىللىق بوشاشماي تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ھەم شەكىللىك ماددىي نەتىجىلەرگە ھەم شەكىلسىز مەنىۋى بايلىققا ئېرىشىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قانچە كەينىگە سۈرۈلسە، ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە زورىيىدۇ، شۇڭا مەسئۇلىيەتنى شۇنچە چىڭىتىش، يولغا قويۇش تەدبىرىنى شۇنچە تۈجۈپىلەش، خىزمەتنى شۇنچە ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاساس ساننى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، دەل جايىدا بولۇشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا ۋاقتىدا يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش تەدبىرىنى تۈجۈپىلەش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، تۈجۈپىلەپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈجۈپىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك.

    نامرات ئاھالىلەرنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىزچىل تىرىشىش نىشانى. شۇڭا، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تامچە سۇ تاش تېشىدىغان غەيرىتىمىز بىلەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي تەۋرەنمەي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىغا قاراپ جەسۇرانە ئىلگىرىلەيلى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362986861