سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

    (2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – قېتىملىق 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارارى، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، ھەيۋە كۆرسىتىپ، قاتتىق چۆچۈتتى، زوراۋان – تېررورچىلار دىر – دىر تىترەپ، جاننى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدى؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈش ساداسى، مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىق ساداسى، مەسئۇلىيەتچانلىق ساداسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئاخىرىغىچە قەتئىي جان تىكىپ ئېلىشىش جاسارەت ساداسى، قەتئىيلىك ساداسىنى ياڭراتتى. غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان بۇ ھەققانىيەت سادالىرى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى زىلزىلىگە سېلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يامانلىقنى تۈگىتىپ، رەزىللىك، زوراۋانلىقنى يوقىتىشنىڭ شىددەتلىك ئېقىنىنى شەكىللەندۈردى. خەلق سىياسىي كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش ئورگىنى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشان ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلىمە نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىندىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان قوغدىغۇچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان نەمۇنىچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان تايانچلاردىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى جان تىكىپ قوغدىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك. سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتتە، توغرا يولدا، پىرىنسىپتا، قائىدىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ قەتئىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ سەمىمىي چىڭىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپلىق مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدەمنى تەڭ ئېلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپى، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىي جەڭگاھىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. كىرىزىس، خىرىس ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت، مەسىلىلەر ئالدىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ دادىل ئىلگىرىلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى كۈچلۈك پاش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، پايدىلىنىشىغا پۇرسەت بەرمەي، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ۋەتىنىنى قوغداپ، چىن دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەھەتتە ‹‹تۆتنى ئۈزۈش››، دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئائىت نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى قەتئىي توختاتماسلىق كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سادىق قوغدىغۇچىلار، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت سۈپىتىدە قاراپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى مەڭگۈ قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەڭگۈ قوغداپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىلا جايدا غەلىبە قىلىدىغان، يېڭىلمەس قۇدرەتلىك زېھنى، كۈچى، ھېسسىياتى ئارقىلىق مۇجەسسەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى پولات سېپىلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

    ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى! 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362986841