سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

    پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نىڭ ئاپتورى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتى.

    چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان باشتىن – ئاخىر پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈپ كەلگەن مۇنەۋۋەر پەزىلىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىق ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئورتاق قارىشىنى قوزغاپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۇيۇشتۇردى.

    يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۈلگىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۈلگىسى، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئۈلگىسى. چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، كۈچنى – كۈچكە ئۇلاپ، باشلامچىلىق رولى، يېتەكچىلىك رولى، ئۈلگىلىك رولى، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىش مەيدانىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ قەتئىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى باشتىن – ئاخىر تېخىمۇ سەمىمىي چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ قەتئىي سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، سەمىمىي مىللىي ھېسسىياتى، ئېنىق ھەق – ناھەق ئۆلچىمى، چىن خەلق رىشتىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە، سىياسىيدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر مەھكەم باغلىنىشى، چىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە خەلققە باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇپ، دۆلەتنى سۆيۈشنى پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش بىلەن ئۆزئارا بىردەكلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپ مەسىلىسىدە بايراقنى ئېنىق، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدەمنى تەڭ ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ئەڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز؛ ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى، ھىمايىچىلىرىدىن بولۇشىمىز؛ ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز؛ مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان چىڭ ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى قوشۇشىمىز؛ غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز؛ ئېتىقاد ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ‹‹شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ›› ناملىق كىتابنى تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: شەرەپنى ئىلھام قىلىپ، داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، دادىللىق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362986681