سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قۇملۇقتىكى بوستانلىقتا شېرىن تەم

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-18

  11 - ماي، ھاشىخان ھەمراھ دادىسى ھەمراھ ئەمىرمەمەت، ئاپىسى تۇرسۇنخان بىلەن بىللە گۈلقەنت ياسىماقتا.

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ يەردە قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاندا، بوستانلىقتىكى دېھقانلار گۈلقەنت ياساشقا باشلايدۇ. ئارال يېزىسىنىڭ تۇپراق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۆسكەن قىزىلگۈللەرنىڭ رەڭگى ۋە ھىدى باشقا يەرلەردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە خوتەننىڭ قىزىلگۈلى ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ قەدىمكى «يىپەك يولى» نى بويلاپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان دەمەشق ئەتىرگۈلىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىدۇر. بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ھاشىخان ھەمراھ 10 يېشىدىن باشلاپلا گۈلقەنت ياساشنى ئۆگەنگەن.

 -بىزنىڭ بۇ كەنتتە گۈلقەنت ياساشنى بىلىش-بىلمەسلىك بىر ئايالنىڭ چېۋەرلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم،- دېدى ھاشىخاننىڭ دادىسى ھەمراھ ئەمىرمەمەت چۈشەندۈرۈپ،- گۈل بەرگىلىرىنى تاللاش، ئېغىرلىق ئۆلچەش، قولدا ئۇۋىلاش مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ، ياخشى گۈلقەنت ياساشتا ھەر بىر باسقۇچقا سەل قارىساق بولمايدۇ.

   ھەمراھ ئەمىرمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، گۈلقەنتنىڭ ئاچچىق، قىرتاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۈل بەرگىلىرىدىكى قۇم-توپا ۋە ئانىلىق ئېلىۋېتىلىدىكەن، ئېغىرلىقنى ئۆلچەش گۈل بەرگىلىرىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان شېرىن تەم ئۈچۈن ئىكەن. بۇ شېرىن تەم خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ئامما ھەر كۈنى نان، بىر چەينەك دورىلىق چاي بىلەن قوشۇلۇپ ئىستېمال قىلىدىغان بىر ۋاخ ياخشى ناشتىلىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان گۈلقەنتتۇر.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362954091