سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نەخۇل كەنتىدىكى شادىمانلار

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-18

    4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتە، توقسۇن ناھىيەسى شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەن دېھقانلار كەڭ كەتكەن كەنت يولىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، ئۇقتۇرالمىغان گەپلىرىنى قول ئىشارىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئەمگەك خۇشاللىقى ۋە كەنتتە يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلارنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېلىۋاتاتتى.

    نەخۇل كەنتى ئادەتتىكى كىچىك كەنت، بۇ بىر قانچە يىلدا كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى يىلمۇ يىل ھەسسىلەپ قاتلىنىپ، بۇ يىل 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

    بېيىش يولىدىكى جاپالىق سەپەر

    نەخۇل كەنتىدىكى دېھقان دۇڭ يۆچياڭ 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ پارنىكىدا سۈت تاۋۇز بىخ چىقارغانىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى سورتلۇق سۈت تاۋۇزنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك، باھاسىمۇ يامان ئەمەس بولۇۋاتىدۇ.

    دۇڭ يۆچياڭ نەخۇل كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كۆپ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە سىرتقا چىقىپ تەلىم ئېلىش ئارقىلىق 2012 – يىلى ئۇ كەنتتە پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ سۈت تاۋۇزنى سىناپ تېرىشقا باشلىدى. بىر پارنىكتىن يىلىغا قىلىنغان 35 مىڭ يۈەن كىرىم ئۇنى تېزلا كەنتتىكى ئالدىن بېيىغان ئائىلىگە ئايلاندۇردى، بۇ يىل ئۇ 15 پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى.

    نەخۇل كەنتى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنت، كەنتتە جەمئىي 756 ئائىلىلىك دېھقان بار، ئومۇمىي نوپۇسى 3026، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 653 ئائىلە، نوپۇسى 2465، خەنزۇلار 103 ئائىلە، نوپۇسى .561 كەنتتە ئاساسلىقى ئۆرۈك، ئۈزۈم، تاۋۇز ئۆستۈرۈلىدۇ.

    ھەر قېتىم بوران چىققاندا دېھقانلار ئۆزلۈكىدىن كېلىپ پارنىكنى يېپىشىمغا ياردەملىشىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلىدىمۇ كۆپچىلىك ۋاقىت چىقىرىپ ياردەمگە كېلىدۇ، دەل شۇلارنىڭ ياردىمى، قوللىشى پارنىكىمنى ياخشى باشقۇرۇش ئىشەنچىمنى چىڭىتتى، دېدى دۇڭ يۆچياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

    ئالدىن بېيىغان دۇڭ يۆچياڭ ئۆزى ئىگىلىگەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ھەر مىللەت دېھقانلارغا تولۇق ئۆگىتىپ، كۆپچىلىك ئىشىنىدىغان پەن – تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

    48 ياشلىق دېھقان ھاكىم بارات دۇڭ يۆچياڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن بېيىش يولىغا ئاتلانغان ئۈلگىلىك تىپقا ئايلاندى.

    ئائىلىمىز ئىلگىرى يەتتە مو كېۋەزلىككىلا قاراشلىق ئىدۇق، بىر يىللىق كىرىمىمىز 10 مىڭ يۈەن ئۆپچۆرىسىدە ئىدى، كۈنلىرىمىز ئىنتايىن غورىگىل ئۆتەتتى، دېدى ھاكىم بارات ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ.

    دۇڭ يۆچياڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، ھاكىم بارات 2016 – يىلى بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ سۈت تاۋۇز تېرىپ، شۇ يىلىلا 30 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

    دۇڭ يۆچياڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولغاچقا، بۇ يىلمۇ بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئالدىم، يىللىق كىرىمىم 70 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن، دېدى ھاكىم بارات.

    پارنىك تېرىقچىلىقىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان دۇڭ يۆچياڭدىن پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

    يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا

    نەخۇل كەنتىدىكى دېھقان سۇلتان دۇگامەتنىڭ مېھمانخانا ئۆيىدە جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھەر مىللەت دېھقانلار بىللە ئولتۇرۇپ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى، تىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق توسالغۇ بولالمىغانىدى.

    دېھقان ليۇ مەنچۈەن ئۇيغۇر تىلىدا كۆپچىلىك بىلەن ناھايىتى راۋان مۇڭدىشىۋاتاتتى.

    ـ مەن ئۇيغۇرچىنى سۇلتان ئاكامدىن ئۆگەنگەن، ئۇنىڭغا خەنزۇچىنى مەن ئۆگەتتىم، بىز ياخشى قوشنا، -دېدى ئۇ.

    71 ياشقا كىرگەن سۇلتان دۇگامەت نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈك ئۆستۈرۈش باشلامچىسى، ئۇ 1999 – يىلى ياۋا ئۆرۈك بىلەن شالغۇت ئۆرۈكنى ئۇلاپ، نەخۇل كەنتىدە بالدۇر پىشىدىغان يېڭى سورتلۇق ئۆرۈكنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ھەم كەنت مىقياسىدا كېڭەيتكەنىدى.

    سۇلتان ئاكام ئۆرۈك ئۇلاش تېخنىكىسىنى بىزگە ھەقسىز ئۆگىتىپ قويدى، بىز ئۆرۈككە تايىنىپ بېيىشقا يۈزلەندۇق. نەخۇل كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك جاي، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر – بىرىمىزگە يار – يۆلەك بولىمىز، دېدى سۇلتان دۇگامەتنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇۋاتقان دېھقان ۋاڭ يۇدې.

    2014 – يىلى ۋاڭ يۇدېنىڭ خوتۇنى ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا توغرا كەلدى، بۇ ئىش ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان ۋاڭ يۇدېنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. سۇلتان دۇگامەت بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ۋاڭ يۇدېنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا 1000 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزدى ھەم كەنتتىكىلەرنى ۋاڭ يۇدېغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

    ‹‹ئاۋۋال كېسەلنى داۋالات، پۇلنىڭ ئىشىغا بىز بىرلىكتە بىر ئامال قىلارمىز››. سۇلتان دۇگامەتنىڭ بۇ سۆزى تا ھازىرغىچە ۋاڭ يۇدېنىڭ ئېسىدىن كەتمىگەنىدى.

    دېھقان ۋاڭ شېڭچياڭ بىلەن ئامنەسىر ھەمدۇل كۆپ يىللىق ياخشى قوشنا، ياخشى قېرىنداش. خېلى يىللار ئىلگىرى، ئامنەسىر ئائىلىسى جان سانى كۆپ بولغانلىقتىن، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى، ۋاڭ شېڭچياڭ پات – پات ئۇلارغا ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئاپىرىپ بېرەتتى.

    ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياردەم قىلمىسام بولماس، دېدى ۋاڭ شېڭچياڭ.

    پارتىيەنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىدىن نەپ ئالغان ئىشچان ئامنەسىر ھەمدۇل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يۈزلەندى. ۋاڭ شېڭچياڭ 2012 – يىلى كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا 70 مىڭ يۈەنلىك داۋالاش راسخوتىنى تۆلەشكە 20 مىڭ يۈەن كەملىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئامنەسىر ھەمدۇل بانكىدىكى 20 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ۋاڭ شېڭچياڭنىڭ نېسى قالغان داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىۋەتتى.

    كۆپ يىللاردىن بۇيان نەخۇل كەنتىدىكى ھەر مىللەت دېھقانلار ئىتتىپاق – ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، كۆپ ئىشلاردا بىر – بىرىگە يار – يۆلەك بولدى. ئىناق بىللە ئۆتۈش كەيپىياتى خۇددى باھاردا ياغقان يامغۇردەك ھەر مىللەت دېھقانلارنىڭ قەلبىنى ياشارتتى. كەنتتە مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە توي بولسا، دېھقانلار تەكلىپ قىلمىسىمۇ كېلىپ تەبرىكلەيدۇ؛ كىمنىڭ ئۆيىدە مېۋە – چىۋە، كۆكتات پىشسا، كۆپچىلىك چاقىرغان ھامان كېلىپ ئۈزۈشۈپ بېرىدۇ؛ كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، كۆپچىلىك ياردەم قولىنى سۇنىدۇ؛ كىم ياخشىراق بىرەر تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ...

    ئۇزاقتىن بۇيان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتىمىزنىڭ چىرايلىق ‹‹نام كارتسى››غا ئايلاندى، بۇ چوڭ ئائىلىدە مىللەت ئايرىمايمىز، كۆپچىلىك ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ئورتاق بېيىشقا ئاتلانغان، دېدى شا يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كەنتنىڭ ھۆددە كادىرى دىلشات رېشىت.

    قەلبلەرنى مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت ھويلىسى

    4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كەچتە، نەخۇل كەنتىدىكى دېھقان ئانايىت زاھىت ئائىلىسىدە جاراڭلىق راۋاب ساداسى، مىللىيچە ناخشا ساداسى ۋە دېھقانلارنىڭ كۈلكە – چاقچاق ساداسى ياڭراپ، خۇشال مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى مېھمانخانا ئۆيدە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، خۇشال مىنۇتلاردىن تەڭ بەھرىلىنىۋاتاتتى.

    ئانايىت زاھىت كەنتتىكى داڭقى چىققان خەلق سەنئەتكارى، بىكار ۋاقتى بولسىلا قولىدىن راۋاب چۈشمەيدۇ، دېھقانلارمۇ ئۇ چالغان مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ. 2014 – يىلى كەنت دېھقانلار ئائىلىسى مەدەنىيەت ھويلىسى تەسىس قىلماقچى بولدى، ئانايىت زاھىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى ھەم 30 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق مېھمانخانا ئۆيىنى پائالىيەت سورۇنى قىلىپ ئاجراتتى.

    ھەر يەكشەنبە كۈنى مەدەنىيەت ھويلىمىزدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۈگۈن ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە قولۇم – قوشنىلاردىن بولۇپ 20 نەچچە كىشى جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇڭداشتۇق، بېيىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردۇق، پائالىيەتتىن ھەم كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قالدى ھەم بىلىمگە ئېرىشتۇق، دېدى ئانايىت زاھىت خۇشال ھالدا.

    مەدەنىيەت ھويلىسى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى بېيىتىشتىكى يېڭى ئۇسۇلى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلغا ئومۇميۈزلۈك ئامراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدە پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىنىدۇ، خەلق سەنئەتكارلىرى، يەرلىك تەشۋىقاتچىلار، دېھقانلار ئاساسىي پېرسوناژ بولىدۇ، ئاۋام سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشا – مۇزىكا شەكلى بىلەن پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا دېھقانلار مەھەللىسىدىن چىقماي تۇرۇپلا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ.

    مەدەنىيەت ھويلىسىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا جىڭجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ نەغمىسى ئېيتىشنى ئۆگىتىمىز، ئۇلاردىن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئۆگىنىمىز، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇ ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى يۇغۇرۇلىدۇ، دېھقان جاڭ خۇڭئېن.

    نەخۇل كەنتىدە ئىلگىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلاتتى، ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قىسمەن دېھقان ئائىلىلىرى پائالىيەتكە ۋەكىل قاتناشتۇراتتى. ھازىر نەخۇل كەنتىدە ئانايىت زاھىت ئائىلىسى مەدەنىيەت ھويلىسىدىن باشقا، مەشرەپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى، كەشتىچىلىك، بەلدۇمباقنى ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى قىلغان مەدەنىيەت ھويلىسىدىن سەككىزى بار، دېھقانلار كەنت مەدەنىيەت ھويلىسىدا قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتتىن بىلىم ئېلىش، خۇشاللىق ئىزدەش، گۈزەللىك تېپىش، ئىتتىپاقلىقنى كۆزلەشتەك مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ دېھقانلار مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىدىغان بولدى، مەدەنىيەت ھويلىسىغا بېرىشمۇ كەنتتىكى ‹‹يېڭى مودا›› بولۇپ قالدى.

    مەدەنىيەت ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك چوڭ ھەقىقەتنى تۇغقانلىرىنى سۆيۈش، قوشنىلارنى سۆيۈشتەك كىچىك ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت دېھقانلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ۋە پارتىيەنى، ۋەتەننى، يۇرتىنى سۆيۈشتەك گۈزەل ئارزۇنى يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولدى، دېدى دىلشات رېشىت.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362953871