سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل 80 مىڭ نەپەر ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-18

    نۆۋەتتە، مەركەز ۋە يەرلىك كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىدىكەن. مەركەز مالىيەسى سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بىرىنچى قېتىمدا 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جايلاردىكى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرىدىكەن. ئىككىنچى قېتىمدا 7 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

    نۆۋەتتە، پۈتكۈل مەملىكەتتە 665 ئالاھىدە نامرات رايون ۋە ناھىيەدە ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي نىسبەتنىڭ %97 ىنى ئىگىلىگەن، بۇ 1 مىليون 300 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    2017-يىلى ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلىققا 80 مىڭ ئادەم (قېتىم) قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 10 مىڭ ئادەم كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئالدى بىلەن نامرات رايون ۋە دۆلەت دەرىجىلىك نامرات كەنت ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362953331