سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قوغدايلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-18

    ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مىللەت–دىن ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى دىن ئىشلىرى 1–باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دىلمۇرات قاسىم

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدى: بالىلار 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولماقتا، ھەر بىر ئادەم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا، نۇرغۇن ئائىلە ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ‹‹توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى›› ۋە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرى ھەر مىللەت خەلققە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

    ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، شۇ جايدىكى ئىسلام دىنى ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى.

    بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز مىللەت مەسىلىسى، شۇنداقلا دىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان كەسكىن سىياسىي كۈرەش. بەلكى، ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا بەزى دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولمىغان، ئېتىقادى ئاجىز، ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› خاھىشى پەيدا بولدى، بەزىلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››غا ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان كەلتۈردى. دىنىي زاتلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تۈگىتىلىشىنى قىيىنلاشتۇردى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە پۇرسەت بېرىپ، جەمئىيەتكە، خەلققە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان يەتكۈزدى.

    ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قانات يايدۇرغان مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭدا قاتتىق زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا، مۇستەھكەم سىياسەت، قانۇن ئاساسى بولمىسا، سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي كادىرلار قوشۇنى بولمىسا، ئىشەنچلىك دىنىي زاتلار قوشۇنى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، تەرەققىيات كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. بارلىق ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار غايە – ئېتىقادتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت زور پىرىنسىپال مەسىلىدە ھەرۋاقىت سەگەك بولۇپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، دىلىمىز بىلەن تىلىمىز بىردەك بولۇشى، پوزىتسىيەمىز قەتئىي، قەدىمىمىز بىردەك بولۇشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز؛ ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362952981