سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئېكولوگىيە سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17

   يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىش كېرەك

    1- پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاتۇش، كورلا، خوتەن قاتارلىق يەتتە شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 18.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مەملىكەت بويىچە 338 شەھەرنىڭ 1- پەسىللىك ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزغاندا، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 19 شەھەرنىڭ 1- پەسىلدىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتىنى 5.0 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەش، بۇلغىنىشنىڭ، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىش، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىدا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»نى 2020- يىلىغا بارغۇچە ئورۇندايدىغان «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش» ۋەزىپىسىنىڭ بىرى قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بېكىتىلگەن 11 ماددىدىكى 49 تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك ئورۇنلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ھەم «پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 3- ئايدا «كۈيتۈن- مايتاغ- شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بويىچە بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدىكى «بەش بىر تۇتاش بولۇش»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سۈن ۋاڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا كېلىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت. مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكىلەر باش نىشاننى مەركەز قىلىپ، يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىت ئاسراشنى يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى لايىھەلەپ، «تاغ- دەريالىرىمىز بىزنىڭ بايلىقىمىز» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى ئاخىرقى چەكنى چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلىشى؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشى؛ مۇھىت باشقۇرۇش بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمىنى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى رايونلارغا ئايرىش»نى تېزدىن تۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ئېھتىيات سىزىقىنى تېزدىن ئايرىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم بىلەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، «پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2016- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە مۇھىتنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن مۇھىت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

    2017- يىلى 1- پەسىلدە دۆلەت تىزگىنلەيدىغان نۇقتىلىق بۇلغىنىش مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىش خاراكتېرلىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە توردا سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. 4- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت تىزگىنلەيدىغان 15 نۇقتىلىق بۇلغىنىش مەنبەسى (كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى)دە 24 پار قازاننى نازارەت قىلىش خاراكتېرلىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ھەم 24 يۈرۈش ئەسلىھەنى توردا سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، نازارەت قىلىش خاراكتېرلىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 2016- يىلى 4- پەسىلدىكى %93.3 بىلەن تەڭلەشكەن، ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش نىسبىتى 2016- يىلى 4- پەسىلدىكى %79.2تىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى بىلەن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ مۇھىت ئاسراش قوللىنىش مەركىزى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەسىنى يىراقتىن سېزىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى يىراقتىن سېزىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىش ۋە باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىقلارنى تىرەككە ئىگە قىلدى.

    «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى ئالقىشلايمىز

    ۋاڭ يايۈن

    ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك زور پىلان.

    ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇھىت ئاسراشتىكى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» قاتارلىق تۈزۈملەر، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش» بويىچە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسىنى ئالقىشلايمىز.

    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. لېكىن، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش تەلىپى، بولۇپمۇ باش نىشاندىكى تەلەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنە مەلۇم پەرق بار. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى يەنە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، «مۇھىت قانۇنى»نىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020- يىلىغا بارغاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362913751