سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-16

شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ)گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە يىغىن مەيدانىغا كىردى. جاڭ گاۋلى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ، مۇنداق كۆرسەتتى: قەدىمىي يىپەك يولى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنىڭ يېڭى كۆزنىكىنى ئاچتى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يازدى، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى مۇجەسسەملىدى، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتى زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش دەۋرىدە تۇرماقتا. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا، تىنچ تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتى داۋاملىق كۈچەيمەكتە، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قاتتىق خىرىس دېيىشكە بولىدۇ. مەن 2013 – يىلى قازاقىستان ۋە ھىندونېزىيەدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش، يەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. تۆت يىلدىن بۇيان، دۇنيادا 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، ب د ت قۇرۇلتىيى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم قارارلىرىغىمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى كىرگۈزۈلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تەدرىجىي ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئىستەكتىن رېئاللىققا ئۆزگىرىپ، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى موللاشتى.

 بىرىنچىدىن، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاش مەقسەت قىلىنغان. بىز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇپ، پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇپ، 40 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، 30 نەچچە دۆلەت بىلەن مېخانىزملاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردۇق. ئىككىنچىدىن، ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ھازىر، جۇڭگو – پاكىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە، يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكى قاتارلىق ئىقتىساد كارىدورىنى يېتەكچى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا يولى ۋە ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى تىرەك، تۆمۈريول، پورت، تۇرۇبا تورى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى تايانچ قىلغان بىرىكمە ئۇل ئەسلىھە تورى شەكىللەنمەكتە. ئۈچىنچىدىن، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى. جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. جۇڭگو كارخانىلىرى 20 نەچچە دۆلەتتە 56 ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق باج كىرىمى ۋە 180 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. تۆتىنچىدىن، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. جۇڭگو قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدىكى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، بۇ يېڭىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن مۇھىم نۇقتىغا ئېتىبار بېرىپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، قاتلىمى ئېنىق، كۆلىمى مۇۋاپىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى تورىنى شەكىللەندۈردى. بەشىنچىدىن، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. قاتناشقۇچى دۆلەتلەر پاراسەتلىك يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلىم – پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئەلئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى دەۋر ئېقىمى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، زور ئىستىقبالغا ئىگە. پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويۇشىمىز كېرەك.

 بىرىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىپ، سۆھبەتلىشىدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ھەمراھ بولىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت – ھۆرمىتى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، تەرەققىيات يولى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە، يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ۋە بەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسى يارىتىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى گۈللىنىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىشىنى، تەرەققىياتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى، نەتىجىدىن كەڭ كۆلەمدە تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز؛ مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىمىز؛ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا يولى، تورنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالتە چوڭ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئالاقە تورى بەرپا قىلىپ، رايون ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

 ئۈچىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئېچىۋېتىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتقا پايدىلىق مۇھىتنى ئورتاق يارىتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش قائىدە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن ئەھۋال، رەقەملىك ھاڭ، تەقسىمات پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەرشارىلاشقان ئىقتىساد بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 تۆتىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى يېڭىلىق يارىتىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 21 – ئەسىر رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. پەن – تېخنىكىنىڭ كەسىپ، پۇل مۇئامىلە بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ياشلىرىغا ئىگىلىك يارىتىش بوشلۇقى، ئىگىلىك تىكلەش ئىش مەيدانى تېپىپ بېرىشىمىز كېرەك. يېشىل تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا ئورتاق يېتىشىمىز كېرەك.

 بەشىنچى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارازلىقىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپ قاتلاملىق ئادىمىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى ئورنىتىپ، مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساقلىق ساقلاش جەھەتتە ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي، مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر ساھەدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى پاك – دىيانەتلىك يولىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. جۇڭگو ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسى يارىتىپ، ئىناق، بىللە ياشايدىغان چوڭ ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ؛ كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىدە بالدۇرراق ئىش باشلاپ، تېزرەك ئۈنۈم كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى زورايتىپ، يىپەك يولى فوندىغا يېڭىدىن 100 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىنى كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى چەت ئەل فوند كەسپىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كۆلىمى 300 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكۈزۈلىدۇ؛ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق باشقا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تۈرلىرىنى قوللايدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىساد – سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئەركىن سودا تورى قۇرىدۇ، جۇڭگو 2018 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىچە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا، ئادىمىيەت ئالاقىسى، بىرلىكتە بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش، پەن – تېخنىكا رايونلىرى ھەمكارلىقى، تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مالىيە – ئىقتىساد تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقى يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

 شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يىپەك يولىنىڭ تارىخىي تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا نۇقتىلىق يۈزلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارلىق دوستلارغا ئېچىۋېتىلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا كۆپچىلىك ئورتاق كېڭىشىدۇ، قۇرۇلۇش نەتىجىسىدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بۈيۈك ئىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە موھتاج. بىز بۇنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر – بىرلەپ نەتىجە يارىتىپ، دۇنياغا، خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

 رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىس باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

 ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، ۋاڭ ياڭ، مېڭ جيەنجۇ، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، ياڭ جىڭ، ۋاڭ چېن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۇن، ۋاڭ يۇڭ، ۋەن گاڭ، جۇ شياۋچۈەن، لياڭ جېنيىڭ قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى جۇڭگو تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكۈزگەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خەلقئارالىق يىغىن، باش تېمىسى ‹‹خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش››تىن ئىبارەت بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. 29 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 دۆلەت ۋە 70 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1500 ۋەكىل بۇ قېتىملىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362881531