سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-12

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشكە بىردەك قوشۇلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ – دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك ھەمراھلار. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلاردىن ئايرىلالماسلىق فاڭجېنىدا، ئىناق ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قۇرساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئىگىلىشى كېرەك. جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشلار ۋە مەدەنىيەت كەسپىي ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. دېڭىز ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق مەنپەئىتنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىشى ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇش، تىزگىنلىشى كېرەك. ب د ت، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ دەرياسى – مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق يېڭىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىغا پايدىلىق. ۋىيېتنام ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيە بويىدىكى مۇھىم دۆلەت. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چېن داگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ھەم ۋىيېتنام – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق، بۇ ۋىيېتنام دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىن تاللاش نىشانى. ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلقى جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلقىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بەرگەن غايەت زور ياردىمىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىللە ‹‹ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق – دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش فاڭجېنى›› ۋە ‹‹ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھى›› بويىچە ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ ئىقتىساد – سودا، يېزا ئىگىلىك، مۇھىت، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەتچىلىك، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەر ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى؛ ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىزدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد – تېخنىكا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، ‹‹جۇڭگولۇق فوتوگرافلارنىڭ نەزەرىدىكى ۋىيېتنام›› فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

 شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن بۇرۇن، ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا چېن داگۇاڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيارۈي قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362766711