سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2026-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا ئاسىيادىن سەككىز كوماندا بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-11

    شىنخۇا تورى، ماناما، 9-ماي تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ 9-ماي مانامادا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا 2026-يىللىق دۇنيا  لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تىزىملىكىنىڭ تەقسىملەش لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ئاسىيادىكى سەككىز كوماندىنىڭ بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

    2026-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول  مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قاتناشقان كوماندا ھازىرقى 32 كوماندىدىن 48 كومانغىچە كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 2026-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەرقايسى قىتئەدىن تاللىنىدىغان كوماندىلار تىزىملىكىنى كۆپەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى، بۇ قېتىملىق يىغىندا بۇ تەكلىپ ماقۇللىنىپ، ئاسىيا رايونىغا بېرىلگەن سان بۇرۇنقى 4.5 تىن 8 گە كۆپەيتىلگەن.

    مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ كۆپەيتىلگىنى ئافرىقا كوماندىسى بولۇپ، 5 تىن 9 غا كۆپەيتىلگەن. دۇنيا  لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار كۆپەيتىلگەندىن كېيىن ياۋروپادىن قاتنىشىدىغان كوماندىلار 13 دىن 16 گە كۆپەيگەن. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362745831