سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى مون جائىنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-11

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى مون جائىنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

    شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مون جائىننىڭ كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇھىم قوشنىلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىسى روشەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن كورېيە ۋە جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. جۇڭگو كورېيە بىلەن جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىدە ئاسان قولغا كەلمىگەن نەتىجىلەرنى ئورتاق قوغداپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىلەن تەڭ تىرىشىپ، جۇڭگو – كورېيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362738011