سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-10

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

 شى جىنپىڭ ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن يېڭى باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىرانسىيەنى ئىزچىل مۇھىم ئالدىن ھەمكارلىشىش ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق ئەنئەنىسىنى كۈچەيتىپ ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىپ ماسلىشىپ، دۇنيانى تۈزەش، ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ‹‹پارىژ كېلىشىمى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانى تۈزەش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

 ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىمنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ساقلاپ كەلدى، ھازىر ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق ياخشى بولۇۋاتىدۇ. مەن فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن. فىرانسىيە يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاكتىپ دوستانە فاڭجېنىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد – سودا، سانائەت قاتارلىق ساھەدىكى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقى قاتارلىق زور خەلقئارا ئىشلىرىدا داۋاملىق قويۇق ئالاقىلىشىپ ماسلىشىدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن ماكرون داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا ھەم بالدۇرراق كۆرۈشۈپ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىرلىشىشكە قوشۇلدى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362716671