سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو قىزىل كىرېسىت جەمئىيىتى زىمبابۋېدىكى كەلكۈن ئاپىتى رايونىغا يېمەكلىك ئىئانە قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    20-ئاپرېل، جۇڭگونىڭ زىمبابۋېدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ پىڭ (سولدىن 2-كىشى) بىلەن زىمبابۋې يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى كاسۇكۇۋېلى (ئوڭدىن 2-كىشى) زىمبابۋې پايتەختى خارارېدا ئۆتكۈزۈلگەن تاپشۇرۇپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ زىمبابۋېدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20 -ئاپرېل زىمبابۋې پايتەختى خارارېدا زىمبابۋې تەرەپكە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايون ئۈچۈن تەييارلىغان 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يېمەكلىكنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ يېمەكلىكلەر قوناق ئۇنى، ياغ، شېكەر، پېچىنە-پىرەنىك ۋە تۇز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ دوللارلىق يېمەكلىكنى جۇڭگو قىزىل كىرېسىت جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان، باشقا 10 مىڭ دوللارلىق يېمەكلىكنى جۇڭگونىڭ زىمبابۋېدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار تەشكىلاتى ئىئانە قىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258631