سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يازما ئىمتىھانى ئەتە باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 22 - ئاپرېل جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا 5435 مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ، ئومۇمىي پەن يازما ئىمتىھانى مەملىكەتتىكى 23 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا 145 مىڭ 600 كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەم ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

    20-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم « ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى » دىكى ۋاقىت، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك، گۇۋاھنامىلىرى تولۇق بولمىغانلار ئىمتىھان مەيدانىغا كىرسە بولمايدۇ، شۇڭا، ئىناۋەتلىك 2-ئەۋلاد كىملىك ياكى ۋاقىتلىق كىملىكنى ئېلىپ ئۆز ۋاقتىدا يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى لازىم، «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى» نى بېسىپ چىقارمىغانلار دەرھال شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (www.xjrsks.com.cn ) غا كىرىپ، « ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى » نى بېسىپ چىقىرىپ، ئىمتىھان ئورنىنى ئالدىن پىششىق بىلىپ، قاتناش ئامىلىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىمتىھان مەيدانىغا بارىدىغان يول ۋە ۋاقىتنى ئوبدان پىلانلىشى كېرەك.

    ئومۇمىي پەن « مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش » يازما ئىمتىھانى ئەتە (22-ئاپرېل) سائەت 9:00دىن سائەت 11:00گىچە، «مۇھاكىمە ۋە بايان» يازما ئىمتىھانى ئەتە (22-ئاپرېل) سائەت 14:00تىن سائەت 17:00گىچە؛ « جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي بىلىملىرى » يازما ئىمتىھانى 23-ئاپرېل سائەت 9:00دىن سائەت 11:00گىچە، «خەنزۇتىلى ئاساسىي بىلىملىرى » يېزىقچە ئىمتىھانى شۇ كۈنى سائەت 13:00تىن سائەت 14:00كىچە ئېلىنىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئىيۇننىڭ باشلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258591