سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل 1 – پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، 2015–يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى

    بۇ يىل 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ياخشى باشلىنىش بولدى، ‹‹مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىش، ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلەش، باشلىنىش ياخشى بولۇش››تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ 2017 – يىللىق 1 – پەسىلدىكى ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – پەسىلدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 179 مىليارد 185 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. بۇنى سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، 2015 – يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.

    كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 11 مىليارد 36 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.7 ئاشتى؛ 2 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 69 مىليارد 28 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشتى، 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 99 مىليارد 121 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.0 ئاشتى. تۆھپە نىسبىتىدىن قارىغاندا، 1 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتى %4.1، 2 – كەسىپنىڭ %39.1، 3 – كەسىپنىڭ %56.8 بولدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ يۆ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىمىز مۇقىم بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئاساستا ياخشىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقىم بولۇشنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدا كونكرېت ئىپادىلەندى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ياخشىلىنىشى، سېلىنمىنىڭ كۆپىيىشى، ساياھەت بازىرى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تاشقى سودىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى قاتارلىقلار ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258461