سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ دىن ئوقۇتقۇچىسى مەمەت ئىسمائىل

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق دەۋردە، مۇشۇ دۆلەتتە ياشىغانلىقىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز ۋە بەخت ھېس قىلىمىز. بىز جەزمەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدارلىقنى بىلدۈرىدىغان ئادەم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قۇربان تۇلۇم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭغا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. بۇلتۇر قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، شۇنداقلا قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش روھىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. بىز ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، چوقۇم پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە، بىزنى مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئۇلارغا ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلدۈرۈش، ئۇلاردا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

    ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا ۋەتەننى سۆيۈش ئېتىقادنىڭ بىر قىسمى، مۇسۇلمانلار قۇش ئۆز ئۇۋىسىنى ياد ئەتكەنگە ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلىنغان. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئەزەلدىن ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئۇلار مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، ئۆز مىللىتى، دىنىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنىڭ مەڭگۈ ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، قىلچىمۇ ئايرىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا دائىر كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەم داڭلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرگە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مول ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. تارىختا ۋەتەننى سۆيىدىغان، مېھرىبان ۋە پەزىلەتلىك نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۆتكەن. ھازىر ھەر قايسى سەپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىچىدىن تۈركۈملىگەن ئىلغار نەمۇنىچىلار مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يالقۇنجاپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن قىلچىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

    ئىسلام دىنىدا مۇنداق قارىلىدۇ: ئىنسانلارنىڭ مەنبەسى بىر، ئەجدادى بىر. مىللەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئالاقە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىدا تەكىتلىنىدىغان ئىناق ئۆتۈش، جاھان تىنچ، ئەل ئامان بولۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىنلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن؛ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان، شۇنداقلا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشتەك ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولدى. سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئاكتىپلىق بىلەن پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى؛ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوشەن ناھىيەسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، شىنجاڭلىق تۆت ئۇيغۇر يىگىتى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يارىدارلارنى قۇتقۇزدى... دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى تونۇش ۋە قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258451