سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىسى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىسى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقىتى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىش ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىنى بىلدۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شىرزات باھاۋۇدۇن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي – قانۇن سىستېمىسىدىكى 100 ئۇيغۇر سودىيە، پىروكۇرور، خەلق ساقچىسى، ئەدلىيە كادىر – ساقچىسى ۋە سىياسىي – قانۇن كادىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بىزنىڭ ئورتاق سالاھىيىتىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جۇڭگونىڭ سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. بىز بۇ يەردە تەنتەنە بىلەن قەسەم بېرىمىزكى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىمىز!

    ‹‹ئىمزالىق خەت›› تە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى : ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھاياتلىقنى دەپسەندە قىلدى، مىسلىسىز پاجىئە ئېلىپ كەلدى، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلدى. ئارىمىزدىكى يېقىن كىشىلەردىن بەزىلەر دۈشمەننىڭ تىغى ئاستىدا يىقىلدى، يەنە بەزىلەر بىگۇناھ ئاممىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ سەپداشلىرى كۆز ئالدىدىلا قۇربان بولدى، بەزىلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئېغىر يارىلاندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز!

    ‹‹ئىمزالىق خەت›› تە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ياشلارنى ئۆز ئانىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ئەمەس، دەپ قاراپ، ئانىلىرى ئەتكەن تاماقلارنى يېمەسلىككە مەجبۇرلىدى؛ ئۇلار ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلدى، رەڭگارەڭ كىيىنىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۈنبويى ئورىنىپ يۈرۈشكە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى نادانلىق، قالاقلىق، بېكىنمە، پاراكەندە زۇلمەت دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇندى؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يەنە ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن رەزىل ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، نۇرغۇن ياشنى مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان جىنايەت گىردابىغا ئىتتەردى. ئۇلارنىڭ ئادەمنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز! ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مىللىي ئۆچمەنلىك، جەمئىيەتتە ۋەھىمە ۋە مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلدى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلىماقچى بولدى. ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئەجدادلارغا، جۇڭخۇا مىللىتىگە، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز!

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە رەسمىي يوسۇندا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، ‹‹ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ››، ‹‹مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ›› دېگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، بىزگە تەھدىت سالىمەن، دەپ خام خىيال قىلىشما! مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇيغۇرلاردىكى ئۈچ زەھەرلىك ئۆسمە، بىز ئۇيغۇر سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش كۈرىشى، بۇ ئۈچ زەھەرلىك ئۆسمە تەلتۆكۈس كېسىپ تاشلانمىسا، جەمئىيەتتە مۇقىملىق، مىللەتتە ئۈمىد، پۇقراغا خاتىرجەملىك بولمايدۇ. جىنايەتكە زەربە بېرىشتە، مىللەت ۋە دىن ئايرىمايمىز، بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. بۇ ھەل قىلغۇچ جەڭدە تولۇق غەلىبە قىلمىساق، ھەرگىز جەڭنى ئاخىرلاشتۇرمايمىز!

    100 مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىسى يازغان ‹‹ئىمزالىق خەت››تە مۇنداق دېيىلدى: ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، بىز ئۇيغۇر سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شۇنداق دەپ تەنتەنىلىك بىلەن ۋەدە بېرىمىزكى:

    دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قىلغان ۋەدىمىزنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىمىز، ۋەتەنگە، قانۇنغا، پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولىمىز، يولدا شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش، زوراۋان – تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس تازىلاش، تولۇق قېزىپ چىقىش، پاكىز يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىز بىلەن قوغدايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن پوستتا تۇرىمىز، قاراۋۇل بولىمىز، قانۇننى قورال قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتى، يۇرتىمىزدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاممىنى پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز!

    بىز ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، ھايات – ماماتلىق جەڭ قىلىش ئىرادىمىز، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى توختاتماسلىق جاسارىتىمىز بىلەن ‹‹ئاۋانگارت ئەترەت››، ‹‹باشلامچى›› بولۇشقا ئاتلىنىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز، ئاتاكىغا ئۆتىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا، ھېچنېمىگە قارىماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىممەتلىك قېنىمىز ۋە ھاياتىمىز بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايمىز، قولىمىزدىكى قورال ۋە قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئەجەللىك زەربە بېرىمىز!

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258411