سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹ئەرش كېمىسى–1››ناملىق تۇنجى يۈك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› ناملىق تۇنجى يۈك ئالەم كېمىسى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹ئۈچ قەدەملىك يۈرۈش›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىكى ئىككىنچى قەدىمىنىڭ خاتىمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەۋرىنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ۋە توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان يۈك ئالەم كېمىسى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.6 مېتىر، ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 3.35 مېتىر، ئۇ يۈك بۆلۈمچىسى ۋە ئىتتەرگۈچ بۆلۈمچىسىدىن تەركىب تاپقان، ئەڭ كۆپ يۈك كۆتۈرگەن چاغدىكى ئېغىرلىقى 13.5 توننا، ئەڭ يۇقىرى يۈك توشۇش مىقدارى 6.5 توننا، دۆلىتىمىز ئالەم كېمىلىرى ئىچىدىكى ئىسمى – جىسمىغا لايىق چوڭ يۈك ئالەم كېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ، ‹‹ئۇزۇن سەپەر›› توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 247 – قېتىم ئۇچۇشى، شۇنداقلا ‹‹ئۇزۇن سەپەر – 7›› ناملىق راكېتانىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇچۇشى. ئون ئاي ئىلگىرى، ‹‹ئۇزۇن سەپەر – 7›› بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقان. بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› ناملىق يۈك ئالەم كېمىسى بىلەن ئورتاق تەشكىللىگەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتى يۈك تىرانسپورت سىستېمىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى.

    بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، ‹‹ئوت يېقىش›› بۇيرۇقىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ، راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ياڭراپ، توشۇغۇچى راكېتا تېگىدىن ئاق يالقۇن چىقىرىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.

    تەخمىنەن 596 سېكۇنتتىن كېيىن، ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا توغرا كىردى. ‹‹ئەرش كېمىسى – 1››نى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قويۇپ بېرىش رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ شۆيۈ ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› ناملىق يۈك ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

    پىلان بويىچە، ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› يەر يۈزىدىن 393 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىدا ‹‹ئەرش ئوردىسى – 2›› بىلەن ئۈچ قېتىم ئاپتوماتىك كېسىشىپ چېتىشتۇرۇلىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

    يۈك ئالەم كېمىسى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى شۈ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق كېسىشىپ چېتىشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ:

    ھازىرقى تېخنىكا يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىدۇ؛

    ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› مۇستەقىل ئايلىنىپ ئۇچۇپ، 180 گىرادۇس ئايلانغان ‹‹ئەرش ئوردىسى – 2››گە تېزدىن يېتىشىدۇ، ئىلگىرى ‹‹ئەرش ئوردىسى – 2›› بىلەن يان تەرەپتىن چېتىشتۇرۇلاتتى، بۇ، كەلگۈسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ۋە توشۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا.

    ئىلگىرىكى يەر يۈزىدىكى يىراق مۇساپىلىك يېتەكلەش ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، پۈتكۈل مۇساپىنى ئالەم كېمىسى مۇستەقىل تاماملاشقا ئۆزگەرتىلىدۇ.

    ئىتتەرگۈچنى ئوربىتىدا تولۇقلاپ قاچىلاش ‹‹ئەرش كېمىسى – 1››نىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇش جەريانىدىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى. بۇ تېخنىكا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ قېلىشتىكى زۆرۈر شەرت. ھازىر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىلا مۇشۇنداق قۇرۇلۇشتىن ئەمەلىي پايدىلانماقتا.

    شۈ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىلارنى ئىگىلىگەندە دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە تېخنىكا جەھەتتە ھالقىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

    ‹‹ئەرش كېمىسى – 1››نىڭ لايىھەدىكى ئۆمرى بەش ئايدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىكمە گەۋدە پىلان بويىچە ئىككى ئاي ئۇچىدۇ، ‹‹ئەرش كېمىسى – 1›› ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئايدىن كۆپرەك مۇستەقىل ئۇچىدۇ.

    ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ‹‹ئەرش كېمىسى – 1››نىڭ ئوربىتىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى تاشلاندۇقلارنى ئېلىپ ئاتمۇسفېرا قاتلىمىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ ھەم جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى بەلگىلەنگەن بىخەتەر دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈرۈلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258391