سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن ئىناقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باي ناھىيە جامە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەبەيدۇللا نۇر

    ئىتتىپاق، ئىناق، تىنچ، مۇقىم مۇھىت بولمىسا، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىي قىلمايدۇ، خەلقمۇ بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ. تىنچلىقنى سۆيۈپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتكەندە، دۆلەت گۈللەپ راۋاجلىنىدۇ، خەلقمۇ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھازىرقىدەك گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقى بۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. بىز ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، تىنچ، مۇقىم، بەختلىك، ئاسايىشلىق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدۇق.

    يېقىنقى يىللارغا نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى؛ كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان – قولاي ئۆيلەرنى سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى؛ يېزىلاردا دېھقانچىلىق بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىكار قىلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار يېزا يېڭىچە ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىشى تەس، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى... مەن ياشاۋاتقان باي ناھىيەسىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالار تۇرىدىغان ئۆيگە ئېرىشتى، كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، خەجلەيدىغان پۇلى بار بولدى.

    پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بەھرىلەندۈردى، بولۇپمۇ دىنىي زاتلار سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچكە، ئېتىقاد جەھەتتە ھۆرمەتكە، تۇرمۇشتا غەمخورلۇققا ئېرىشىپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇيەسسەر بولدى. دىنىي زاتلار تەربىيەلىنىپ، ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە تەلۋىلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىك پىلانلاپ يولغا قويۇپ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قەبىھ، رەزىل ئاقىۋەت پەيدا قىلدى. ئىسلام دىنىدا بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈش ئەڭ ئېغىر گۇناھ، بىر بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەنلىك، دەپ قارىلىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ كەچۈرگۈسىز، چېكىدىن ئاشقان جىنايەت سادىر قىلدى، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    بىز دىنىي زاتلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. دىنىي زاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى توغرا شەرھلىشىمىز؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ دىن تونىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇتۇشىمىز كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئىككىلا دۇنيادا خەيرلىك، خۇشال تۇرمۇشنى كۆزلەش توغرىسىدىكى دىنىي مەزمۇنلارنى تىرىشىپ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    بىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە. بىز ئۆز ئارا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، تېخىمۇ گۈزەل، پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258341