سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىرلىكتە ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى››نى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنىڭ روھىي ماھىيىتى، ئاساسىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ھەققانىيلىق، قانۇن ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى بىلىملىرىنى ھەممە ئائىلىگە بىلدۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنىڭ ھەق تەلەپ سۇبيېكتى، ھەق تەلەپ ھوقۇقى، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت ۋە ۋاكالەتچىلىك، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى بىلەن دەۋا ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنى ئاساسىي پىرىنسىپىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى روھىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : جايلار، تارماقلار ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ھەم ‹‹7 – بەش يىللىق›› قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى؛ ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى تەشۋىقات ئېيى، تەشۋىقات ھەپتىلىكى، تەشۋىقات كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاقىت ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەشكىللىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىدىكى قانۇن بىلىملىرىنىڭ ئورگان، يېزا – كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ئىدارىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىنى خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى تەشۋىقاتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان، 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258331