سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار،تارماقلارنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 –نۆۋەتلىك كومىتېتى2–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى تېز ئۆگەنگەنلىكى، ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا

    ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلاردا يىغىننىڭ روھىنى تېز ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق، دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان بۇ قېتىمقى يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم يىغىن بولۇپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، پۇختا ۋە ياخشى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى؛ ئۇنى ئەينەن، جۈملىمۇ جۈملە قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈشى؛ سۆزنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تېز ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگان پارتكومى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەك بولۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چۈنياڭ مۇنداق دېدى: پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدۇ، ئىزچىللاشتۇرىدۇ؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرىدۇ؛ ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى، شۇنىڭدەك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: نازارىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ۋە ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش روھى ئارقىلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 300 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كەپە ئۆي رايونىدىكى 284 مىڭ 300 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋېن يۈبياۋ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ‹‹ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ››نى ياخشى قىلىمىز؛ ‹‹مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومى ئىشخانىسى(مەمۇرىيەت ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى كۇڭ لىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان بىر يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدۇ. بۇ ھەم پۇرسەت، ھەم سىناق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيول سىستېمىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمىتىمنى مەۋقە قىلىپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق خىزمىتىمدە ئىزچىللاشتۇرىمەن.

    دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاراقاش ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لىڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىدۇ؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362258321