سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو-ۋىيېتنام دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە تەكشۈرۈشى ئاخىرلاشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-21

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو - ۋىيېتنام دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ 2017 - يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق بېيبۇ قولتۇقى ئورتاق بېلىقچىلىق رايونى دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە تەكشۈرۈشى 20-ئاپرېل ئاخىرلاشتى. جۇڭگو ۋە ۋېيتنامنىڭ دېڭىز ساقچىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى پاراخوتنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە ئەۋەتتى، پۈتكۈل چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ئۈستى قوماندانلىق پاراخوتى ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىش مىخانېزىمى تۇرغۇزدى، ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى زىچ ماسلىشىپ، نەق مەيداندىكى ئالاقىدار ئىشلارنى ماسلىشىپ بىر تەرەپ قىلدى.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001362258231