سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شاڭخەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : 19-ئاپرېل،شاڭخەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى « گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىش » نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    يېڭى تېخنىكا، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى مەھسۇلات ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چەكسىز ئىمكانىيەتنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئاپتوموبىل تەرەققىياتىدا توكلۇق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش، تورلىشىشتىن ئىبارەت يېڭى يۈزلىنىشنى نامايان قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە مەزگىلىدە 118 يېڭى ئاپتوموبىل كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 22 سى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئىكەن. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362236491