سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 21-ئاپرېلدىن باشلاپ تۇنجى رەت ئۆلكە ھالقىپ باھا تەڭشىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 21 - ئاپرېلدىن باشلاپ، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ بېلەت باھاسىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

    شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شاڭخەيدىن خاڭجۇغىچە، خاڭجۇدىن نىڭبوغىچە، نىڭبودىن شېنجېنغىچە بولغان ئۈچ بۆلەك يولدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي-خاڭجۇ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 159 كىلومېتىر، خاڭجۇ-نىڭبو تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 155 كىلومېتىر، نىڭبو-شېنجېن تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1309 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

    بۇ قېتىملىق تەڭشەش شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتنايدىغان سائەتلىك سۈرئىتى 250 - 200 كىلومېتىرغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلارغا قارىتىلغان بولۇپ، سائىتىگە 300 كىلومېتىر يول يۈرىدىغان پويىزلار تەڭشەش دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362236451