سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۇتبولى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى. مەملىكىتىمىزدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان 14 ئۆلكە، شەھەر تەشكىللىگەن 15 كوماندىدىكى 270 تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر كوماندا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ مۇسابىقە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىچكىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ مۇسابىقە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۇتبولى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 15 كوماندا مەملىكىتىمىزدىكى 14 ئۆلكە، شەھەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان 93 مەكتەپتىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتەپلىرىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، دوستلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئىگلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 8 – لىككىچە ئېرىشكەن كوماندىغا مۇكاپات تارقىتىلغاندىن باشقا، ‹‹مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى››، ‹‹ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى››، ‹‹ئەڭ ياخشى ۋاراتار››، ‹‹مۇنەۋۋەر رېپېر›› قاتارلىق مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەنتەربىيە ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، مۇسابىقە ئالتە كۈن داۋاملىشىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362236261