سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئارا تۈرۈكتىن بارىكۆلگىچە 6-ئايدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياشىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىن بارىكۆل ناھىيەسىگىچە بولغان يول بۆلىكىدە بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدىغان بولۇپ، تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 66.585 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تاشيولنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، ئارا تۈرۈكتىن يولغا چىقىپ، G7 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن چيەنشەن يېزىسىدىن ئۆتۈپ، بارىكۆلگە بارغىچە بىر سائەت ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، لايىھەدە يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 27 مېتىر بولۇپ، چوڭ-كىچىك كۆۋرۈكتىن 21 ى بار ئىكەن. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياساشقا 2 مىليارد 400 مىليون 470 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2019-يىلى 12-ئايدا پۈتىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362235961