سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا 11 مىليارد 700مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شىمالىي دوختۇرخانىسىنىڭ غەربىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسىي بىناسىنىڭ ئۆگزىسى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى يېپىلدى، ئىشچىلار بىنانىڭ ئىچىنى بېزەشكە باشلىدى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش خىزمىتىمۇ باشلاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شىمالىي دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ ۋېييا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى بىناسىغا بۇ يىل 339 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى، بىنا پۈتكەندىن كېيىن، بالىلار بۆلۈمى كېسەل كارىۋىتىدىن 500ى كۆپىيىپ، ئاساسلىقى، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇرەككەپ بالىلار كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە دەرىجىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ‹‹ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش›› سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن نۇرغۇن ئائىلە يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرۈش مىقدارى بىر مەھەل بىراقلا ئېشىپ كېتىپ، ئەسلىدىنلا كەمچىل بولۇۋاتقان بالىلار بۆلۈمى كېسەل كارىۋىتى يېتىشمەي قالدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت بىرلا مەخسۇس بالىلار دوختۇرخانىسى بار ئىكەن، بالىلار بۆلۈمى تەسىس قىلغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا 372گە يېتىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بالىلار بۆلۈمى كېسەل كارىۋىتىدىن 6535ى بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي كېسەل كارىۋىتىنىڭ %4.8ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا 14 ياشتىن تۆۋەنلەر 4 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، 1000 بالىغا 0.28 بالىلار كېسەل كارىۋىتى توغرا كېلىدىكەن.

    بالىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمى كېسەلخانا بىناسىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشىمۇ جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بىنا پۈتكەندىن كېيىن، 16 قەۋەتلىك بالىلار بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسىدا بالىلار بۆلۈمى كارىۋىتىدىن تەخمىنەن 500ى كۆپەيتىلىپ، بالىلار بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي بۆلۈملىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، تەڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىردىنبىر بالىلار دوختۇرخانىسىمۇ تارماق دوختۇرخانىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قىلىۋېتىپتۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بالىلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، بالىلارنى ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ۋە مۇرەككەپ، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون يەنە باسقۇچ بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭ رايونلىرىدا بالىلار كېسىلىنى داۋالاش مەركىزى تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 11 ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى 3 – دەرىجىلىك ئون ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، ناھىيەلەردىكى 93 خەلق دوختۇرخانىسىدا بالىلار بۆلۈملىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدىكەن.

    بالىلار بۆلۈمى قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن خەلقئارا دوختۇرخانا، دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاپتونوم رايون، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا يۈزلەنگەن زامانىۋىلاشقان دوختۇرخانىلارنى سېلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، شۇنىڭدەك جۇڭيى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بۇ يىل ‹‹زور ھەرىكەت، زور قۇرۇلۇش، زور سېلىنما›› بولىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىگە 11 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2016 – يىلى مۆلچەرلەنگەن 7 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %58.1 ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى ھېلىھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك، شۇڭا ھەرىكەتنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم ساھەلەردە ‹‹باشلامچى بولۇش››ىمىز كېرەك. بىز دىققەتنى قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يەڭسەكلا، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش گۈزەل پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362230591