سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    جۇ خەيلۇن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

    جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتى چىگىش ھەم مۇرەككەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا ئۈن – تىنسىز يىلتىز تارتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، ئۇلارنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن.

    جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ تەلىپى بويىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە ئىپادىلەش كېرەك.

    جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› دېگەن ئىدىيەدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ كەسكىن جەڭ››نى ياخشى قىلىپ، چېگرادا ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ‹‹قالدۇق زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرنى قېزىش، مىقدارىنى ئازايتىش، تۇپرىقىنى يوقىتىش›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي پاكىز قېزىپ، ئۈزۈل – كېسىل زەربە بېرىپ، تەلتۆكۈس تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تورىنى زىچ توقۇپ، يوچۇق، باشقۇرۇشسىز رايون، بوشلۇق قالدۇرماي، قەتئىي ھالدا دۈشمەنلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

    جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئائىلە زىيارىتى قىلىش خىزمىتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىرقى ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلە زىيارىتى قىلىش تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گۇمانلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي، چىن نىيەت بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362230491