سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، بۇ يىغىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەنە بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، دەپ بىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى ئېتىراپ قىلىش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا چىڭ ئەگىشىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا ھەقىقىي سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم ۋەزىپە، دەپ بىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بولغان چۈشەنچە ۋە تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە تەۋرەنمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش تەدبىرلىرىنى خىزمەت جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئورگان قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، دادىل رول ئوينايدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، چېڭ جېنشەن، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362230381