سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپرېل ئايلىرىدىكى گۈزەل چاقىلىق

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20

   كىشىلەر يېڭى بىر يىلدىكى ھاۋا ئىللىپ، چېچەكلەر خۇشپۇراق چاچىدىغان باھاردىكى ئاپرېل ئايلىرىنى كۈتۈۋالدى. يۇرت-يۇرتلاردىكى قىشىلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەر باھارنىڭ مەيىن لەرزان يەلپۈتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا بويىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭدەك چاقىلىق ناھىيەسىمۇ باھاردىكى چېچەك پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ھەممە جاينى يېشىللىق قاپلاق، چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، گۈلگە شەيدا بۇلبۇللارنىڭ خۇش ناۋاسى ياڭراشقا باشلىدى.

    باھارنىڭ قەدىمى يېتىپ ھاۋا ئىللىشى بىلەن ئوماق بالىلارنىڭ سىرتلاردىكى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرى باشلاندى. باغچا، مەيدانلاردا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئويناقشىپ يۈرگەن ئوماقلارنىڭ سىماسى ئۇچراپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان گۈزەل مەنزىرە كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362230341