سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يۇقىرى مۆلچەرلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19

    شۇ يەر ۋاقتى 18-ئاپرېل، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى مۇرىيې ئوبسىفېلد ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى.

    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 18-ئاپرېل بۇ يىلقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما سودا قورۇقچىلىقىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقى ۋە دۇنيا سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىنى بىلدۈردى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى دوكلات» تا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى % 3.5 ئېشىپ، بۇ يىل يانۋاردىكى مۆلچەر قىممەتتىن 0.1 پوئېنت ئۆرلەيدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362206721