سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19

 يىغىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

 يىغىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى مەنىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، بۇ مۇھىم سۆز شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى ئىلمىي قىبلىنەما ۋە تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ئارىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى ياخشى باشقۇرۇپ››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر نورمال ھالەت››نى ساقلاپ، ‹‹بىرنى بوشاشتۇرماسلىق››تا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 بىرىنچى، يادرونى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇشى، زىچ باغلىنىشى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ‹‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر، كىچىكىدە، تېز، ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ – تۈزەپ، قالدۇق زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرنى قېزىپ، مىقدارىنى ئازايتىپ، تۇپرىقىنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا دەل جايىدا ئەجەللىك زەربە بېرىش؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش؛ ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، توردىكى ئىجابىي سادانى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ماددىي كۈچ ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇستەھكەم پولات سېپىلىنى قۇرۇش؛ خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنى تايانچ، كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىكى مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نۇقتىلىق ساھەلەرنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يوچۇق، باشقۇرۇشسىز رايون، بوشلۇق قالدۇرماسلىق؛ بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش چەمبىرىكى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقىچىلىك قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك.

 تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى ھازىرلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەش كېرەك. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ۋاقتىدا غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 بەشىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تىررېتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقى، ساقچى – خەلق ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن – يەرلىك ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئۇيۇل تاشتەك جىپسىلاشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش تەلىپىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش – تەربىيەلەش، قوغداش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، ئەخلاق – پەزىلەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان يۇقىرى ساپالىق دىنىي زاتلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز ئېيتىش ۋە تەپسىر قىلىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈشكە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. مەسچىت ۋە دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيە، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

 يەتتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى زور بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۆۋەن چېكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىلا تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش توغرىسىدا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ كەلگۈسى پىلانى ۋە ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇش ھۈجەيرىلىرىگىچە قۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 توققۇزىنچى، بىڭتۈەن خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرانى، شىنجاڭنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇجەسسەملەيدىغان پىچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ مەسئۇللىرى، بىڭتۈەن ئورگىنىدىكى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە شى، شەھەر، تۈەن، مەيدانلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362205741