سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىش، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19

 شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 34–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىش، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 34 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

 ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نازارەت قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. جايلار، تارماقلار ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە ئۈنۈمنى كۆزلەشنى چىڭ تۇتۇشى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەم ياخشىلاپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىشى، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ چىڭ تۇتۇشى، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ‹‹سىياسەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹كارخانىچىلارنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹قىس دورىلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى قەتئىي چىقىرىۋېتىشكە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››، ‹‹پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش چارىسى››، ‹‹چەت ئەل ئەخلىتىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ‹‹مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالتە مەخسۇس كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئائىلىسى باشقۇرۇشنى ئاساس، ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىشنى ۋاسىتە، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى تايانچ قىلغان ئىستېرېئولۇق، بىرىكمە تىپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم يولى. مالىيە – باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، سۇغۇرتىنىڭ قوللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تىجارەت بازىرىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى قوللاش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن ياردەم بېرىش، بازاردىن پايدىلىنىش چارىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنىڭ يېڭىچە باشقۇرۇش سۇبيېكتىغا ئەلا تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنىڭ ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كارخانىچىلار ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنىڭ روھىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارغا دائىر تىپىك مىساللارنى چوڭقۇر قېزىش، كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كارخانىچىلارنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش، كارخانىچىلارنىڭ باراۋەر رىقابەتكە چۈشۈشىگە ۋە سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە مەدەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ۋەزىيەتكە دائىر سىياسەت تەربىيەسى، قانۇنغا بويسۇنۇپ سەمىمىي بولۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، كارخانىچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قانۇنغا بويسۇنۇش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلەش، كارخانىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەتتىكىلەر دوختۇرخانا قۇرۇش، ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇق – مەسئۇلىيىتى ئېنىق، باشقۇرۇشى ئىلمىي، ئىدارە قىلىشى مۇكەممەل، ھەرىكىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نازارەت قىلىشى كۈچلۈك بولغان زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، دوختۇرلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىس دورىلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئۇدۇللىشىشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىش – كۆزىتىش بويىچە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تىزىملىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجە ئايرىلغان ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، ئوخشىمىغان ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈش، ئورۇن بەلگىلەپ ئىشلەپچىقىرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش، كېڭىشىش ئارقىلىق تەڭشەشنى كۈچەيتىش، قىس دورىلارنى زاپاس ساقلاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قىس دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجى ۋە كىلىنىكىدا مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر ئىشلارنى چىڭىتىش كېرەك. جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات ئېلىشتىن مەنبەدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىش، ج خ ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دەۋا قىلىش باسقۇچىدىكى قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيەتتىن ساقىت قىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەھقىقلەش، قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش، ئاقلاش، سوت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش كېرەك.

 يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يېتەكچى قىلىش، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمى، قانۇن – تۈزۈمنى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەرنى قاتتىق جازالاش، پۇل مۇئامىلە ئاخباراتىنى رىشتە، مەبلەغ تەكشۈرۈشنى ۋاسىتە، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئاساس قىلغان ‹‹ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنى يادرو قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى ساھە، تۈر بويىچە تۈزۈش ۋە چەكلەش، ئىمپورت قىلىش باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەش، قانۇن، ئىقتىساد، مەمۇرىي ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش، ئىمپورت تۈرى ۋە سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىش، پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشى، باشقۇرۇشى، كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى نۇقتىلىق باھالاش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى كادىرلارنى باھالاش، مۇكاپاتلاش – جازالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نازارەت قىلىشتا نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تۇتۇپلا قالماي، خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىسلاھاتنى، بولۇپمۇ جايلار، تارماقلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تۇتۇش كېرەك. ئىجابىي تىپلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە يەكۈنلەپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىشتا مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بەزى مەسىلىلەرنى بىراقلا تەلتۆكۈس ھەل قىلىش كېرەك. زور ئىسلاھات، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى زۆرۈر بولغاندا ‹‹قايتا تەكشۈرۈش›› كېرەك. نازارەت قىلىپ بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ رەتلەش، مەسىلە ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا، شۇ تۈزىتىشكە مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىش، نۇقتىدىن ئومۇمىي دائىرىگە ئۆتۈش، تېخىمۇ زور دائىرىدە تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىغا قارىتىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىغان، تۈزەش جايىدا بولمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. باشلامچى تارماق ۋە جايلار ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنىڭ سۇبيېكتىنى تۇتۇش، ئىسلاھاتتا ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ھەم دوكلات قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 يىغىنغا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362200821