سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى.كورلا نەشپۈتى بايرىمى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-18

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ساياھەت ئىدارىسى، كورلا شەھىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2017-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى . كورلا نەشپۈتى بايرىمىنىڭ «چېچەك سەيلىسى» پائالىيىتى 15-ئاپرېل كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

    ئىگلىنىشىچە،2017-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى . كورلا نەشپۈتى بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى كېلەر يىلى فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 22-ئاپرېل ئاستا يۈگۈرۈش پائالىيىتى، ماي ئېيىدا « يۇرتۇمدا ئىتتىپاقلىق » پائالىيىتى، ياز پەسلىدە ئات بەيگىسى، كۈزدە نەشپۈت ئۈزۈش پائالىيىتى، قىشتا ئاققۇ فوتو سۈرەت پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362179461