سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دەنچېڭ ناھىيەسىدە بەش يىل ئىچىدە چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن 152 ئوقۇغۇچىنىڭ %80 ى يېزىدىن كەلگەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-17

    دەنچېڭ ناھىيەسىدىن چىققان يېزىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەنلىرى كۆپ

    بىر ئىستۇدېنت تەربىيەلىگەنلىك، بىر نامراتلىق يىلتىزىنى تىندۇرغان بىلەن باراۋەر. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دەنچېڭ ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مائارىپتا نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىدىكى بالىلارنى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىن ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، يېزىدىكى بالىلار%60 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. دەنچېڭ ناھىيەسى يۈجەي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شۆگاڭ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدىن چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان ئوقۇغۇچىدىن ئۈچى بار، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىدىن 118ى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دەنچېڭ ناھىيەسىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، %70 كۆپرەكى لاياقەتلىك بولدى. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار %60 دىن كۆپرەكنى ئىگەللىدى.

    دەنچېڭ ناھىيەسى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇشقا ياردەم بېرىشتەك ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرغان بولۇپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كارخانا بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، نامرات ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دەنچېڭ ناھىيەسى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇپ، تۆت يىلدىن بۇيان تەييارلىق سىنىپتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان ئوقۇتۇش باسقۇچىدىكى 163 مىڭ ئوقۇغۇچى (قېتىم)نىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىپ، 190 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362155401