سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى داليەن يىفاڭ كوماندىسىنى يەڭدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-17

    16-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن داليەن يىفاڭ كوماندىسىنى يەڭدى.

    ئالدىنقى دەرىجىدىن تاشقىرىغا ئۆرلەش مۇسابىقىسىدە چىڭداۋ خۇاڭخەي كوماندىسىنى يېڭىۋالغان داليەن يىفاڭ كوماندىسى ئۇدا 4 قېتىم رەقىب كوماندىلىرىنى يېڭىۋىلىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندا 1 مەيدان تەڭلىشىش، 3 مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە 14-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. لېكىن 3 مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى يامان ئەمەس ھېسابلىنىدۇ.

    23-ئاپرېل شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى يەنە ئۆز مەيدانىدا داليەن چاۋيۆ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362154661