سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھەر لېتىر 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.16 يۈەن ئۆسۈپ، مەملىكەت ئىچىدە ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ئۆسۈش بولۇپ قالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-14

    شىنخۇا تورى خەۋىرى : دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بېيجىڭدا بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ئەڭ قىممەت پارچە سېتىلىش باھاسى 12-ئاپرېل سائەت 24:00 دىن باشلاپ، ھەر توننىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 200 يۈەن ۋە 190 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. 89-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 5.87 يۈەندىن 6.02 يۈەنگە؛ 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەرلېتىرى 6.28 يۈەندىن 6.44 يۈەنگە؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 6.68 يۈەندىن 6.85 يۈەنگە؛ 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەرلېتىرى 5.91 يۈەندىن 6.07 يۈەنگە تەڭشەلدى.

    لېكىن، خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كېيىنكى قەدەمدە تەڭشىلىش مۇمكىنچىلىقى بولغان « ئىككى قېتىم ئۇدا ئۆسۈش » ۋەزىيىتى بارلىققا كەلسىمۇ، كەلگۈسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ نېفىت ئىشلىتىش تەننەرخى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىنكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362093041