سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-14

   چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

يىغىنغا نەيىم ياسىن، سۈن جىنلوڭ قاتناشتى، لى پېڭشىن يىغىندا سۆز قىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنى 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، سۈن جىنلوڭ، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلدى.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ نەزەرىيەسىدىكى يەنە بىر زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، رېئال تەخىرسىزلىك، تارىخىي بۇرچ ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يېتەكچىلىكىنى مەكتەپ قۇرۇش – مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلەش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزم ئىنستىتۇتىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ماركسىزم نەزەرىيەسى پەنلىرىنى ياخشى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. توغرا قىممەت يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەتقىق قىلىش – شەرھلەشنى، تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارنى بايرىقى روشەن ھالدا تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغداش جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. مەكتەپنىڭ ئىدىيە – مەدەنىيەت بازىسىنى ئۆلچەملىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ روھىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا ئۈن – تىنسىز ئىلھام، ئەقىل – پاراسىتىگە نۇر، مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر تەرەققىياتىدا ئىدارە قىلىشتا تەدبىرلىك، باشقۇرۇشتا ئەتراپلىق، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇغۇچىلارنى چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى قەتئىي، تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى توغرا تونۇشقا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بىلەن خەلقئارا سېلىشتۇرمىنى توغرا تونۇشقا، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت بىلەن تارىخىي بۇرچنى توغرا تونۇشقا، ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەت بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەشنى توغرا تونۇشقا، توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشقا، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشقا، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئاڭلىق سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق تۆھپە قوشۇشقا، شەخسىي غايە، ئىنتىلىشىنى دۆلەت ۋە مىللەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاڭلىق سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ قانۇنىيىتىگە، ھەم ئوقۇتۇش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش قانۇنىيىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى چارىلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، كونا چارىلەرنى ياخشىلاپ، يېڭى چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر تۇيغۇسى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۈچەيتىپ، تۈرلۈك دەرسلىكلەرنى ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭدۇرۇپ، ماسلىشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان شەكىل ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ، تەلىم – تەربىيە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى داغدام يولغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئويغىتىش كېرەك. دەرسلىك تۈزۈشتە ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، دەرسلىك تۈزۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاساسىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلىم، سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئادىمىيەت مۇھىتىنى كۆپرەك بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەيدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تور تاراتقۇلىرىدا ئاكتىپ كۈچلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۈكسەك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ دەۋر تۇيغۇسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، توردا ياخشى سادالارنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، تور تىلى ئارقىلىق پاكىت كەلتۈرۈپ ۋە ئىشنىڭ يولىنى سۆزلەپ، ئورتاق بولغان تور مەنىۋى ماكانىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاپ تەكلىپ قىلىش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە، ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنىڭ، ئېغىزدا سۆزلەش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ تەربىيە بېرىشنىڭ، بىلمىگەننى سوراش بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ، ئىلىم ئەركىنلىكى بىلەن ئىلىمنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، ئەخلاق بىلەن دەرس بېرىشكە، بىلىم ئۆگەتكەندە ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماسلىققا، سۆز – ھەرىكەتتە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇماسلىققا، تەتقىقاتتا زامان – ماكاننى ئۇنتۇماسلىققا، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئىنتىزام – بەلگىلىمىنى ئۇنتۇماسلىققا، تىرىشىپ ئىلغار ئىدىيە – مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچىلار، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللىغۇچىلاردىن بولۇشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكلىگۈچىلەر ۋە يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەر بىر ھالقىنى جىپسىلاشتۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پارتىيە باشقۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پارتىيە باشقۇرۇش، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدا ساقلانغان زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دائىملىق خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ۋە تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتكوم شۇجىلىرى، مەسئۇل رەھبەرلەر رەھبىرىي كادىرلار ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، قارار چىقىرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى تاللىشى ۋە كۈچلۈك سەپلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىنستىتۇت (فاكولتېت) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى، ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر ئاساس، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكىلەر بىرلەشكەن، سانى يېتەرلىك، ساپاسى ياخشى خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردە قويۇق ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت كەيپىياتى يارىتىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈنۈملۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

 لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، سوتسىيالىستىك مەكتەپ قۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش››نى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش››نى يادرولۇق ۋەزىپە، ‹‹تۆتتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش››نى ئاساسىي تەلەپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن – ئاخىر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇستەھكەم بازا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ماركسىزمنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بايرىقى روشەن ھالدا قانات يايدۇرۇش، ماركسىزم ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەردە تېخىمۇ ياخشى ياڭرىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يادرولۇق ۋەزىپىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئوقۇپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان، ئەمەلىيەتچىل ئىش كۆرىدىغان قۇرغۇچىلار ۋە ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش كېرەك. تۆتىنچى، سەمىمىي – سادىق، ئىشەنچلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ‹‹تەربىيەلەش›› مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، ‹‹كەسپىي›› سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، ‹‹باشقۇرۇش›› ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سەمىمىي – سادىق، ئىشەنچلىك، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن غەلىبلىك چىقالايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت مەخسۇس كۈچىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئالىي مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك ئىدىيە – مەدەنىيەت بازىلىرىنى چىڭ، ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، دەرسخانا بازىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بازىسى، تور بازىسى، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى بازىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، ئالىي مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ جانلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا قاراپ ئۆزگىرىش، پەيتكە قاراپ ئىلگىرىلەش، ۋەزىيەتكە بېقىپ يېڭىلاش، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسخانىنى جانلاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتە بۆسۈش قىلىش كېرەك.

 لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكى ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ھۈجەيرە››لىك ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالتە ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتى كومىتېتلىرى، مەخسۇس كومىتېتلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرى تەسىس قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە جايلاردىكى ئالىي، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتوتلىرى، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى، شۇنىڭدەك مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362062161