سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-13

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى›› يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

    نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى››نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشى پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹قائىدە››نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىغا ئالاقىدار پارتىيە ئىچىدىكى مەخسۇس نىزام ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ھەم زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    بىرىنچى، مەزمۇنى ئىلمىي بولۇش كېرەك. سىياسىي ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، شەكلى كۆپ خىل بولۇش كېرەك. ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئۆگىنىش مۇنبىرى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، دوكلات بېرىش يىغىنى قاتارلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆگىنىشنىڭ جەلىپكارلىقى، قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە قىلىش، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك سىياسىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

    بەشىنچى، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى؛ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇشى، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىۋاسىتە مەسئۇل بولۇشى، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ باشقا ئەزالىرى ئۆگىنىشكە ئاكتىپ، ئەستايىدىل قاتنىشىشى كېرەك.

    ئالتىنچى، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نىڭ ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئۆگىنىشچان رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇشتىكى ئەستايىدىل تەشكىللىگۈچى، پائال ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ‹‹ئۈلگىلىك بەنزە›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362053021