سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-10

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك

    شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

     ئاپتونوم رايونلۇق ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنى 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي – باياشات، مەدەنىي – تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزى قىلدى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم ھالقىش، شۇنداقلا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىنىڭ قان – تەرى ۋە خالىس تۆھپىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق سېپىدە ئۇزاقتىن بۇيان پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە تېببىي خادىملارغا يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ مول، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىق بەخت – سائادىتى ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھات – يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتكە سىڭدۈرۈپ، خەلق ئورتاق قۇرۇپ ھەمبەھرىلىنىش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خۇسۇسىيىتىدە، داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، داۋالاش – دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئىگە ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تىرىشىپ تەمىنلىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالتە تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بىرىنچى، داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش قوشۇن قۇرۇلۇشى، داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاشنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق بايلىقلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ يۆتكەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەلنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر – يېزا، رايون، ئامما ئارىسىدىكى ئاساسىي ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېسەلنى داۋالاشنى ساغلاملىقنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، ئوپچە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق سىياسىتىنى ئومۇمىيەتكە تەتبىقلاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئومۇمىي جەريانغا سىڭدۈرۈش، ساغلاملىق بەخت – سائادىتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، دىققەتنى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز كېرەك. ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق بايلىقلىرىنى نامرات رايون ۋە نامرات نوپۇسلارغا مايىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، جۇڭگو تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى، دورىگەرلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. بەشىنچى، كۆپ مەنبەلىك ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، ئۆزگىچە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ساغلاملىق ئىشلىرى بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا تۈرتكە قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللاش ۋە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ‹‹ئالاقە تورى+››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەشنى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپكە تىرىشىپ ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، بىخەتەر، ساغلام مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىت ئاسراش تۆۋەن سىزىقى ۋە قىزىل سىزىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، مۇھىتنى ئاسراش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيەلىشى، پاكىز سۇ ئىچەلىشى، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتە تۈزۈم››نى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاغرىقلارغا داۋالىنىدىغان جاي ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دوختۇرخانا بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹دورا بىلەن دوختۇرخانىنى بېقىش››نى كۈچەپ تۈگىتىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. بىرلەشتۈرۈش، تەڭشەش، تىزگىنلەش ۋە مۇلازىمەتنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ جۇغلاش، كاپالەتلەندۈرۈش، چىقىم قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. دورا ئىشلەپچىقىرىش، يەتكۈزۈش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كادىرلارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەسىپكارلىق مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بارلىق داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹كەڭ كۆلەمدە ساقلىق ساقلاش، كەڭ كۆلەمدە ساغلام بولۇش›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، پۈتكۈل ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك. سىياسەت، مەبلەغ، ئاساسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، تېببىي خادىملارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممەيلەن كۆڭۈل بولىدىغان، ھەممەيلەن قاتنىشىدىغان، ھەممەيلەن قوللايدىغان ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، دوختۇرلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن باش نىشاننى، خەلقنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى چىن كۆڭلى، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق سىياسىتىنى ئومۇمىيەتكە كىرگۈزۈپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىق بەخت – سائادىتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىستېرېئولاشقان، سىجىللىققا ئىگە ساغلاملىق باشقۇرۇش ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسىي فاڭجېن قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېسەلنى داۋالاشنى ساغلاملىق باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دىققەت نۇقتىسىنى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش؛ جۇڭگو تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى – دورىگەرلىكىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش؛ مەۋقەنى كۆپ مەنبەلىك ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قويۇپ، ‹‹ئالاقە تورى+››نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق يېڭى كەسىپلىرى، يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق يېڭى مەھسۇلاتى ۋە يېڭى مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، بىخەتەر ساغلاملىق مۇھىتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق كەسپى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ساغلاملىق كەسپىي بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام كۈتۈنۈش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، داۋالاش بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئالاقە تورى بىلەن ساغلاملىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، تەنھەرىكەت ساغلاملىقى بىلەن ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېنىقىش ئىستىراھەت تەنھەرىكەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېمەكلىك بىلەن ساغلاملىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام يېمەكلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۆزگىچە ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات – تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ‹‹ساغلام شىنجاڭ 2030 يىرىك پىلان تېزىسى›› (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلدى.

    يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار ھەم داۋالاش – سەھىيە، مېدىتسىنا – مائارىپ، تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىس، ۋەكىللەر ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلاردىكى ئالاقىدار خادىملار جايلاردىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361961441