سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نىشاننى كۆزلەپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشان–ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-06

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2016–يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2016 – يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2016 – يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە كۆيۈنۈش، خەلقنى سۆيۈشتەك خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتى ۋە چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› ئالىيجاناب خىسلىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتەك سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەتئىي ئىرادىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

    بىرىنچى، تونۇشنى قايتا ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ خەلققە بەرگەن مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش يۈكسەكلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىش، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم نەتىجە قازىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، قەدەممۇ قەدەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتكۈل كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

    ئىككىنچى، تېگى – تەكتىنى قايتا ئېنىقلاش كېرەك. نامراتلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئائىلىلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئارخىپلىرىنى قايتا سېلىشتۇرۇپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىق ئىستاتىستىكىلاپ، نامراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى كىرگۈزۈش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى يۆلەش، بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ كىشىنى قالدۇرۇپ قويماسلىق، نامرات ئاھالىنىڭ تېگى – تەكتىنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈش بويىچە تولۇق قاپلاش، باشقۇرۇشسىز نۇقتا بولماسلىق، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ‹‹نامراتلىق يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش››، ‹‹نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش››قا دەل جايىدا ياردەم بېرىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، دەل جايىدا بولۇشنى قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بەش قولنىڭ ھەممىنى تەڭ ئاغزىغا سېلىۋېلىشتەك ئىش قىلماسلىق، نامراتلىشىش سەۋەبىنى ئۆيمۇ ئۆي ئېنىقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يوللىرىنى ئۆيمۇ ئۆي توغرا تاللاپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرى دەل جايىدا، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا، مەبلەغنى ئىشلىتىش دەل جايىدا، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىش دەل جايىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، تىپىك ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش كېرەك.

    تۆتىنچى، مۇھىم نۇقتىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىق دائىرىسى ئەڭ كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنىڭ <13 – بەش يىل>دىكى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر، رايونلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشقا داۋاملىق ياخشى تەشكىللەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئالدىن مەركەزلىك يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك.

    بەشىنچى، مەسئۇلىيەتنى قايتا چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇشى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇپ، قاتلاممۇ قاتلام يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئادەمگىچە كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش، باھالاپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تارماقلار، ئورۇنلار فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاكتىپ قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    ئالتىنچى، نىشانىنى قايتا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات ئاھالىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ئاھالە بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش قوماندانلىق تايىقى ئارقىلىق جايلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۆزىنى كۆرسىتىش، سۆلەتۋازلىق، ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ساختا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق، شەكىلۋازلىق، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. نامراتلارنى يالغاندىن يۆلەش، يالغان نامراتلارنى يۆلەش قىلمىشلىرىنى كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001361870071