سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 3 ئاينىڭ 17 كۈنى 2016 يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، ئۇنى ئەستايىدىل، ئەينەن، سۆزمۇ سۆز، جۈملىمۇ جۈملە ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى بەنگۇڭتىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2017 يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، نامرات ئاھالىنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەتنى پۇختا، تەرتىپلىك، پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچەپ، بەلگىلەنگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بەنگۇڭتىڭنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى زور، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. « ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، خىزمەت بېسىمىنى تەڭشەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى بىر تۈرلۈك چىڭ ۋەزىپە قىلىپ، ھەم قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ھەم ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بويىچە 2016-يىللىق ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001361431591