سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت تۈرى ئىمتىھانى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    18-مارت، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2017-يىللىق ئۈرۈمچى نۇقتىسىدىكى سەنئەت تۈرى ئىمتىھانى باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىمتىھان تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن، 6565 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن.

    شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى 1360 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى، ئىچكىرى ئۆلكىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان، تىزىملاتقانلار بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %30 كۆپ بولغان.

‏ (تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361430611