سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19-مارت تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «خەلق» سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفون ۋە خەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئىزچىل پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىمەن. ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تامامەن ياخشى ھەمشېرىكلەردىن بولالايدۇ، دەپ قارايمىز. بىز ئىككىلا تەرەپكە ئەڭ پايدىلىق ئۆلچەمدە چىڭ تۇرساقلا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرا يۆنىلىشكە ئىگە بولالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەن بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە روھقا ئاساسەن يۇقىرى قاتلام ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى، ئىككى تەرەپ، رايون، دۇنيا قاتلىمىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىنى، نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ۋە تىزگىنلەپ ئالدىنى ئېلىشىنى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تارىخقا ۋە ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش روھى ئاساسىدا ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىردىنبىر توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كەلگۈسى نەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن قاراش كېرەك، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇمىيلىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقىنى دوستانە بېرىش - كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە بېرىپ - كېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

    تىللېرسون زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ترامپ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى تېزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ ھەم پۇرسەت بولسىلا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى 50 يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتمەكچى. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش روھى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ تىللېرسونغا زۇڭتۇڭ ترامپقا سالام ئېيتىپ قويۇشنى ھەم زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ جۇڭگۇغا زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361424401