سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

توقسۇن ناھىيەسىدە چېچەك تاماشا قىلىش پەسلىگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

غولبويى يېزىسىدا چېچەكلەر ئېچىلىپ، باھار جىلۋىسى ئەكس ئەتتى.

 18-مارت توقسۇن ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلىنىڭ چېچەك تاماشا قىلىش پەسلىگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن توقسۇندا 40 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئۆرۈكزارلىقتا ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

 مارت ئايلىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەتىيازنىڭ سوغۇقى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئەمما ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك كىلىمات ئامىلى تەسىرىدە توقسۇندا باھار بالدۇر جىلۋىلىنىدۇ. توقسۇندا ئۆرۈك چېچىكى بالدۇرلا چېچەكلىگەچكە، توقسۇن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى باھارنىڭ «تۇنجى بېكىتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، 5-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلى 18-مارتتىن 10-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن. 24-مارت ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001361424251