سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، قار ياغىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ قار ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

    ھاۋا رايىدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە قېلىن قار ياغىدىكەن، قار ياغىدىغان ئاساسلىق رايونلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى بولۇپ، يېڭىدىن ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىردىن 18 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن؛ ئەڭ قېلىن قار ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاينىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندۈزدىن 19-كۈنى كۈندۈزگىچە؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزگىچە ياغىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا سوغۇق كۈچلۈكرەك، قار يېغىش دائىرىسى كەڭ، قار يېغىش ۋاقتى ئۇزاق، يىغىندى قار قېلىن بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش-تىرانسپورت، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قېلىن قارلىق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش؛ تاغلىق رايونلاردا ئوت-چۆپ بىلەن تەمىنلەش ۋە چەت، يىراق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئامما سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شىمالىي شىنجاڭدىكى جايلار، بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەگىز كەلكۈنىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361423321