سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مېترو قۇرۇلۇشى يادرولۇق رايونغا قانات بولغۇسى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    3 - ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما مېترو قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بىر قانچە رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىدە ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، مېترودىن ئىبارەت بۇ توشۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئاممىۋى قاتناش قورالى ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك تەسىرىنى كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلەندۈرىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون تەرەققىياتىغا قانات بولىدۇ.

    مېترو لىنىيە تورى شەھەر قاتنىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ

    ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ مېتروغا تەقەززا بولۇۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزاق بولدى.

    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ مېترو پىلانىدا، لىنىيە تور پىلانى شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ھەم ئۈزلۈكسىز تەڭشەلگەن.

    2012 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش تۈرى يولغا قويۇلدى.

    «مەن ئىچكىرىگە ساياھەتكە بارغاندا مېتروغا ئولتۇرغانىدىم، مېترونىڭ تېز، قولايلىقلىقى ماڭا بەك ياققان. ھازىر يۇرتىمىزدىمۇ مېترو ياسىلىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى مېترو قۇرۇلۇشىدا تېزرەك ئىش باشلىنىشىغا تەقەززا بولغان شەھەر ئاھالىسى جاۋ جىخۇا.

    «ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش لىنىيە تورى پىلانى(ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن)»غا ئاساسەن، 2020 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى پىلانلانغان رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى سەككىز بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 260 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، جەمئىي 165 بېكەت تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 29 بېكەتتە مېتروغا ئالمىشىپ ئولتۇرغىلى بولىدۇ.

    پىلانغا ئاساسەن، 1 - نومۇرلۇق لىنىيە جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى غول لىنىيە بولۇپ، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) ۋە ئاساسلىق تاشقى قاتناش تۈگۈنىنى تۇتاشتۇرىدۇ؛ 2 - نومۇرلۇق لىنىيە تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدۇ؛ 3 - نومۇرلۇق لىنىيە مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى غول لىنىيەنى كۆرسىتىدۇ؛ 4 - نومۇرلۇق لىنىيە مەركىزىي شەھەر رايونى ئىچىدىكى شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى غول لىنىيەنى كۆرسىتىدۇ؛ 5 - نومۇرلۇق لىنىيە غەربىي شىمال - شەرق يۆنىلىشىدىكى غول لىنىيە بولۇپ، ئاساسىي شەھەر رايونى بىلەن سەنپىڭ يېڭى رايونىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ؛ 6 - نومۇرلۇق لىنىيە شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدىكى قوشۇمچە لىنىيە بولۇپ، مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى بىلەن ئاساسىي شەھەر رايونىنى تۇتاشتۇرىدۇ؛ 7 - نومۇرلۇق لىنىيە قىبلە تاغ تەۋەلىك رايونى بىلەن ئاساسىي شەھەر رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان قوشۇمچە لىنىيە؛ 8 - نومۇرلۇق لىنىيە جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى تەڭرىتاغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى ۋە مىچۈەن - كۆكتاغ رايونىنى تۇتاشتۇرىدۇ. 1 -، 2 -، 3 -، 4 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ

    2014 - يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 1 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 1 - نومۇرلۇق لىنىيە جەنۇبتا ئۈچتاشتىن باشلىنىپ، شىمالدا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئاياغلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.6 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيەدە 21 بېكەت تەسىس قىلىندى.

    مېترو 1 - لىنىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭ تېزرەك پۈتۈشى مۇھىم قاتناش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا لىنىيەلەردە ئىش باشلاشقا روشەن تۈرتكە بولىدۇ.

    2015 - يىل 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 2 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش ئومۇمىي لىنىيەسىدە 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ لىنىيە تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)دىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر رايونى بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تەۋەلىك رايونىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ.

    2016 - يىلى 11 - ئايدا 3 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 4 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

    «بۇ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش يۇقىرى باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، شۇنداقلا مېترو 1 -، 2 -، 3 -، 4 - نومۇرلۇق لىنىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن باۋخۇا.

    ھازىر، ئۈرۈمچىدىكى پىلانلانغان سەككىز رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى ئىچىدە، تۆت لىنىيەدە ئىش باشلاندى.

    «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى سان، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ تاماملاپ، شەھەر ئاھالىسىنى بالدۇرراق 4 - نومۇرلۇق مېتروغا ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى مېترو قاتنىشى 4 - لىنىيەسى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈر بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ سىخەي.

    كېلەر يىلى ئىشىك ئالدىمىزدىلا مېتروغا ئولتۇرۇشتىن ئۈمىد بار

    قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى ئالدىراشچىلىقنى كۆرۈپ، 1 - نومۇرلۇق لىنىيەنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى جاڭ رۈيچى: كۈندە مېترو قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىن ئۆتكەندە، بىردەم توختاپ قاراپ كېتىمەن، قۇرۇلۇش پۈتسە، ئۆيدىن چىقىپلا مېتروغا ئولتۇرالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ، خۇشال بولىمەن» دېدى.

    ئىشىك ئالدىدا مېتروغا ئولتۇرۇش ئارزۇسى كېلەر يىلى ئىشقا ئاشىدۇ. سۈرئەت، ۋاقىت پىلانىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى كېلەر يىلى 6 - ئاي ئەتراپىدا 1 - نومۇرلۇق مېتروغا ئولتۇرالايدۇ. «بىز بۆلەكلەر بويىچە قاتناش باشلاش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىنى بالدۇرراق مېتروغا ئولتۇرۇپ، شەھەر تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەر رېلىسلىق قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى سۈن لىچاۋ.

    سۈن لىچاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر 1 - نومۇرلۇق لىنىيەنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش تاماملاندى، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شىمالىي بۆلەك رايونىدىكى رېلىسلارنى تۇتاشتۇرۇش، توك يەتكۈزۈشنى تاماملاپ، يىل ئاخىرى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاپ، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدا 1 - نومۇرلۇق لىنىيەدە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش نىشانىغا يېتىشنى پىلانلاۋاتىمىز.

    قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن 2 - نومۇرلۇق لىنىيەدە 2020 - يىلى قاتناش باشلىنىدۇ، 3 -، 4 - نومۇرلۇق لىنىيە 2021 - يىلى تاماملىنىدۇ. بۇ يىل 5 -، 6 - نومۇرلۇق مېترو لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقى قارارلىق پىلان قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

    « بىز تەلەپكە ئاساسەن، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاپ، شەھەرنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئۈرۈمچى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى يۈەن باۋخۇا.

    شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رېلىسلىق قاتناش لىنىيەلىرىدە قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ئۈرۈمچىدە يەر ئۈستى، يەر ئاستىدا غايەت زور تېز سۈرئەتلىك قاتناش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك تەسىرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361423201