سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدا باھار كېچىكتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    بۇ بىر نەچچە كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئاپئاق قار قاپلىدى، نۇرغۇن كىشى بۇنى تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ كىلىمات باھالاش باش تەھلىلچىسى ما يۈ چۈشەندۈرۈپ: بۇ تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق ئەمەس، چۈنكى بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدا تېخى باھار بولمىدى، دېدى.

    ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي شىنجاڭدا ھەر يىلى باش باھار 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە باشلىنىدىكەن، ئەڭ بۇرۇن ئىلى ۋادىسىدا باھار بولىدىكەن.

    2 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا پەۋقۇلئاددە قېلىن قار ياغقاندىن باشقا، 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارغا ئىككى قېتىم سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇجۇم قىلغاچقا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇمان كۆپىيىپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك چۈشمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇمانلىق كۈنلەردە ھاۋانىڭ نەملىكى ئېشىپ كەتكەچكە، 3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، پۈتكۈل شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەن بولغان.

    ما يۈ مۇنداق دېدى: بۇ، ئاممىنىڭ ئەتىيازلىق سېزىم بىلەن سوغۇققا كۆنەلمەي، قىشتىنمۇ بەكرەك سوغۇق ھېس قىلىشىنىڭ سەۋەبى. بۇ قېتىمقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى سوغۇق ھاۋارايى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدىن باش باھارنىڭ كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ.(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361423161