سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەلقئارادا ماي باھاسى 15-مارت ئۆستى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20

    خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 15-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر نېفىت چىقىرىدىغان دۆلەتلەر نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئالتە ئايغىچە قامدىيالىسا، ئۇنداقتا ئالدىنقى يېرىم يىللىق خام نېفىت بازىرى كۈنىگە ئېھتىياجلىق بولغان نېفىت مىقدارى 500 مىڭ تۇڭغا يېتىشى مۇمكىنكەن.

    ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىدا مەملىكەت بويىچە سودا كەسپىدىكى خام نېفىت ئىسكىلاتى 200 مىڭ تۇڭ چۈشۈپ، 528 مىليون تۇڭغا يەتكەن. بۇ ئامېرىكا خام نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ 10 ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى رەت چۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

    تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار بازار ئېھتىياجىنىڭ نىسبىي تەرەققىياتقا دىققەت قىلىپ، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تىرەك بولىدىكەن.

    شۇ كۈنى ھېسابات بوغقانغا قەدەر، نيۇ يورك سودا ئالماشتۇرۇش ئورنى ئاپرېلدا تاپشۇرىلىدىغان يېنىك تىپتىكى خام نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى 1.14 دوللار ئۆسۈپ، ھەربىر تۇڭى 48.86 دوللار بولغان، ئۆسۈش نىسبىتى %2.39 بولۇپ، مايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتنىڭ زاكاز مال باھاسى 0.89 دوللار ئۆسۈپ، ھەرتۇڭى 51.81 دوللار بولغان، ئۆسۈش نىسبىتى %1.75 بولغان.‏(تامام)‏ ‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001361371701